mulazim
مۇلازىمەتچىلەر
تېلېفون : 13899119232
تاشقى پېرىۋوت سودىسىدىكى خەۋپ-خەتەر ئەسكەرتمىسى
يوللانغان ۋاقتى: 2017-يىلى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى | كۆرۈلۈشى: 132 قېتىم

ئالتۇن ۋە كاپالەتلىك تاشقى پېرىۋوت سودىسىدا نۇرغۇن خەۋپ-خەتەرلەر مەۋجۇت ،ھەممىلا مەبلەغ سالغۇچىغا ماس كېلىۋەرمەيدۇ،تاشقى پېرىۋوت بازىرىغا مەبلەغ سېلىشنى قارار قىلىشتىن بۇرۇن چوقۇم ئۆزىڭىزنىڭ سەۋىيىڭىز،تەجرىبىڭىز ۋە خەۋپ-خەتەرنى كۆتۈرۈش ئىقتىدارىڭىزنى ئەستايىدىل ئويلىشىشىڭىز،ئېھتىياتچانلىق بىلەن مەبلەغ سېلىشىڭىز كېرەك.
ئادەتتە دەسلەپتە بۇ بازارغا كىرگەن مەبلەغ سالغۇچىلار بازارنى چوڭقۇر چۈشەنمىگەچكە بۇنى پۇل تاپىدىغان ئوبدان سورۇن ئىكەن دەپ ئويلاپ قالىدۇ،ھەتتا بازارغا كىرىپلا تېز بولمىسا خۇددى بايلىق قېچىپ كېتىدىغاندەك سودا قىلىشقا ئالدىراپ كېتىدۇ، ئەمەلىيەتتە بازارنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ بۇ بازارغا يىغىلغان بايلىقمۇ بارغانسېرى كۆپەيگەن بولۇپ، مەبلەغ سالغۇچىلارغا نىسبەتەن سودىغا ئەستايىدىل تەييارلىق قىلىش ، رەسمى سودا قىلىشتىنمۇ مۇھىم بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، تولۇق تەييارلىق بىلەن باشلانمىغان سودا ھەمىشە ئاپەت خاراكتېرلىك زىيانغا باشلايدۇ، كونىلاردا«ئوتۇن كېسىشتىن بۇرۇن پالتاڭنى بىلە» دەپ گەپ بار، سودا قىلىشمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بولۇپ، سودا قىلىشتىن بۇرۇن ئاز دېگەندىمۇ تۆۋەندىكى تۆت جەھەتتىن تەييارلىق قىلىش لازىم.
1-ئاساسى تەييارلىق
ئاساسى تەييارلىق دېگىنىمىز بازار بىلەن دەسلەپكى قەدەمدە تونۇشۇش ۋە چۈشىنىش باسقۇچىنى كۆرسىتىدۇ،بۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە سودا قىلىشتا كەم بولسا بولمايدىغان باسقۇچ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ،ئۇ:ئاساسى سودا نەزەرىيىلىرىنى ئۆگىنىش،دائىم قوللىنىلىدىغان تېخنىكىلىق قوراللارنى چۈشىنىش،سودا تۈرلىرى بىلەن پىششىق تونۇشۇش،ھەر قايسى پۇللارنىڭ تەۋرىنىش ئالاھىدىلىكلىرنى چۈشىنىش، ۋە سودا قىلىش جەريانىنى پىششىق ئۆگىنىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى بىر ئۆگىنىش باسقۇچى بولۇپ،ھەر قانداق ئادەم مەلۇم مەزگىل ئۆگەنسىلا ئىگەللەپ كېتەلەيدۇ.بۇلارنى كىتاب-ماتېرىيال كۆرۈپ ئۆگەنسىمۇ ياكى مۇناسىۋەتلىك شىركەتلەر ئۇيۇشتۇرغان لېكسىيە-تەربىيەلەشلەرگە قاتنىشىش ئارقىلىق ئۆگەنسىمۇ بولىدۇ،بۇ جەرياندا مەبلەغ سالغۇچىلار شۇنىڭغا دىققەت قىلىشى كېرەككى،كىتابتىكى نەزەرىيە ۋە ئۇسۇللارنىڭ ھەممىسى ئەمەلى سودىدا ئۇنداق ياخشى ئۈنۈم بېرىشى ناتايىن،چۈنكى ھەقىقى سودا كىتابتا يېزىلغىنىدىن كۆپ مۇرەكككەپ بولىدۇ،ئۇنىڭدىن باشقا بۇلارنى ئۆگىنىپ بولۇپلا ئالدىراپ-تېنەپ سودىغا كىرىشمەسلىك لازىم،بۇ بىلىملەرنى ئۆگىنىپ بولغانلىقىڭىز پەقەت سىزنىڭ بازارنى دەسلەپكى قەدەمدە چۈشەنگىنىڭىز بولۇپ،ھەقىقى سودا قىلىشقا يەنىلا بالدۇرلۇق قىلىدۇ.
2-تەقلىدى سودا
تەقلىدى سودا قىلىش ئۆگەنگەن بىلىملىرىڭىزنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پۇرسىتىدۇر، سىز سودا قىلىش ئىقتىدارىنى ھازىرلاشتىن بۇرۇن ئەمەلى سودىغا كىرسىڭىز چوقۇم چوڭ زىيان تارتىشىڭىز مۇمكىن،شۇڭا كۆپرەك تەقلىدى سودا قىلىش ئارقىلىق «دەسلەپتە زىيان تارتىش»تىن ئىبارەت ئازابلىق باسقۇچتىن ئۆتۈپ كېتەلەيسىز،بىراق راستىنى ئېيتقاندا تەقلىدى سودا پەقەت «خەرىتە يۈزىدە جەڭ قىلىش»قا ئوخشايدىغان پىراكتىكا باسقۇچى بولۇپ،ئۇ سىزگە ھەقىقى سودا قىلغاندىكىدەك ئۇنداق ھاياجانلىق ۋە ئۇنتۇلغۇسىز تەسىرات قالدۇرالمايدۇ.
بىز دائىم نۇرغۇن مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ تەقلىدى سودا قىلىپ پايدا ئالغان بولسىمۇ،بىراق ئەمەلى سودىغا كىرىشىپلا زىيان تارتقانلىقىنى ئاڭلاپ تۇرىمىز،بۇنداق زىيان تارقۇچىلارنىڭ كوپ قىسمى، تەقلىدى سودا قىلىپ ئوزىنى سىناپ باقمىغان ،تەقلىدى سودا جەريانىدا ئىگەللىگەن تەجىربە ساۋاقلاردى
ن خاتىرە قالدۇرمىغان ،تەقلىدى سودا جەريانىدا ئۆزى ئۆگەنگەن نەزەرىيىۋى ئۇسۇللارنى سىناپ باقمىغان ،شۇنداقلا تەقلىدى سودا بولغاندىكىن دەپ زىيانغا مەيلىچە قويۇۋەتكەن ،ياكى ئۆزىنى بەزلەش ئۈچۈن زىيان خاتىرىسىنى ئۇنتۇپ كەتكەن ئەزالاردۇر.
راستىنى ئېيتقاندا ھەقىقى مەنىدىكى تەقلىدى سودىدىمۇ ئۇنداق ئاسان پايدا ئالغىلى بولمايدۇ، پەقەت نۇرغۇن ئادەملەر بۇ تەقلىدى سودا بولغانلىقى ئۈچۈنلا زىيانغا پەرۋا قىلمايدۇ،ياكى زىياننى ئۇنتۇپ كېتىدۇ،بىراق ئالغان پايدىسىى ئېسىدە قالىدۇ ، بۇنىڭ بىلەن مۇشۇنىڭدەك خاتا تۇيغۇ كېلىپ چىقىدۇ،نۇرغۇن ئادەملەر «مەن تەقلىدى سودا قىلىپمۇ نۇرغۇن پۇل تاپتىمغۇ مانا» دەپ ئويلاپ ھەقىقى سودا قىلىشقا ئالدىراپ كېتىدۇ،بىراق نەتىجىدە ھەمىشە ئۆزى قوبۇل قىلالمىغۇدەك زىيان تارتىپ زارلاپ يۈرىدۇ، مەبلەغ سالغۇچى بولسىڭىز ئېسىڭىزدە بولسۇنكى،تەقلىدى سودىنىڭ ماھىيىتى پەقەت سىزنىڭ ئۆگەنگەنلىرىڭىزنى سىناپ بېقىش،ھەرگىزمۇ پايدا ئېلىش ئەمەس.
3- تەۋەن مال مىقداردىكى ھەقىقى سودا
تەۋەن مال مىقداردىكى ھەقىقى سودا سىزنىڭ تەقلىدى سودىدىن يەنە بىر قەدەم ئىلگىرىلىشىڭىز بولۇپ،بۇ باسقۇچتىمۇ پايدا ئېلىشنى نىشان قىلماسلىقىڭىز،ئۆگىنىشنى ئاساس قىلىشىڭىز كېرەك. تەۋەن مال مىقداردىكى سودا سىزنىڭ زىيىنىڭىزنى ئازايتىپ،بازاردىن قورقۇش تۇيغۇڭىزنى پەسەيتىدۇ،سىز ئەڭ ھەقىقى ھالدا بازاردا يۈز بەرگەن تۈرلۈك ئويلىمىغان ئەھۋاللار ۋە بۇ ئەھۋاللارنىڭ سىزگە كەلتۈرگەن پايدا-زىيىنىنى،شۇنداقلا سودىنىڭ ھەر قايسى ھالقىلىرىدىكى توسالغۇلارنى بىۋاستە ھېس قىلالايسىز،ھەقىقى سودا جەريانىدىكى پىسخىك ھالىتىڭىزنى ئومۇمىيۈزلۈك چۈشىنىسىز،بۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئۆگەنگەنلىرىڭىزنى ھەقىقى يوسۇندا ئەمەلىيەتتە ئىشلەتكىنىڭىزدۇر.بۇ باسقۇچتا سىز يەنە نەزەرىيە ۋە تېخنىكىلىق قوراللارنىڭ ھەقىقى سودىدىكى رولىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى ھەقىقى چۈشىنىسىز،مانا بۇلارمۇ سودىغا كىرىشىشتىن بۇرۇنقى مۇھىم تەييارلىقلاردۇر. بۇ باسقۇچتا مۇھىمى نېمىنىڭ «كىچىك مىقداردىكى سودا»ئىكەنلىكىنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرىۋېلىشڭىز كېرەك،ناۋادا سودا مىقدارىڭىز ھەددىدىن زىيادە كىچىك بولسا تەقلىدى سودا قىلغانغا ئوخشاش سىزنى ئۇنداق ھاياجانلاندۇرالماسلىقى مۇمكىن،لېكىن سودا مىقدارى بەك چوڭ بولۇپ كەتسىمۇ زىيان ئالدىدا نېمە قىلارىڭىزنى بىلەلمەي،زىيانغا تاقابىل تۇرالماسلىقىڭىز ياكى زىياننى كۆتۈرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن. مېنىڭچە سودا مىقدارىنى مەبلەغ سالغۇچىلار ئۆزىنىڭ كۆتۈرۈش ۋە بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىغا قاراپ بېكىتىشى كېرەك.
4- ئۆزىنى ۋە بازارنى قايتىدىن تونۇش
كىچىك مىقداردا ھەقىقى سودا قىلغاندىن كېيىن سىز چوقۇم ئۆزىڭىزنى ۋە بۇ بازارنى يېڭىدىن تونۇيسىز، بۇ يېڭىچە تونۇشمۇ ناھايىتى مۇھىم بىر باسقۇچ بولۇپ،ئۇ سىزنىڭ داۋاملىق سودا قىلىش-قىلماسلىقىڭىزنى بەلگىلەيدۇ. سىز چوقۇم بۇ بازارنىڭ سىز دەسلەپتە ئويلىغاندەك ئۇنداق ئاددى بولماستىن،ناھايىتى مۇرەككەپ ئىكەنلىكىنى،ئۆزىڭىزنىڭ خەۋپ-خەتەرنى كۆتۈرۈش،بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىڭىزنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى،بازارنىڭ سىزگە ئېلىپ كېلىش مۇمكىنچىلىكى بولغان خەۋپىنى،شۇنداقلا ئۆزىڭىزنىڭ پايدا نىشانى ۋە بازار پۇرسىتىنى تۇتۇش ئىقتىدارىڭىزنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى بايقايسىز،شۇنداقلا مۇشۇ باسقۇچقا كەلگەندىلا ئاندىن سىز ئەمەلىيەتكە يۈزلىنىپ بازارغا ئويبېكتىپ ھۆكۈم چىقىرالايسز ۋە بۇرۇنقىدەك بىر كېچىدە بېيىپ كېتىش خام خىيالىنى سۈرمەيدىغان بولىسىز، بۇ خىل يېڭىچە تونۇش ۋە قاراشلار گەرچە سىزنى ناھايىتى تېزلا مۇۋەپپىقىيەت مەنزىلىگە يەتكۈزەلمىسىمۇ بىراق چوقۇم زىيان تارتىش نىسبىتىڭىزنى ئازايتالايدۇ ۋە مەبلىغىڭىزنى قوغداش ئىقتىدارىڭىزنى يېتىلدۈرىدۇ.
خۇلاسە قىلغاندا،پەقەت يۇقىرىقى تۆت باسقۇچنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن مەبلەغ سالغۇچىلارلا ئاندىن ھەقىقى سودا قىلسا بولىدۇ، بىراق ھازىر نۇرغۇن ئادەملەر بۇ بازارغا قارىغۇچىلارچە كىرىپ،قالايمىقان سودا قىلىپ،قالايمىقان پايدا-زىيان كۆرۈپ، ئاخىرىدا بازارنى چۈشەنگەندە مەبلىغىدىن ئايرىلىپ قېلىۋاتىدۇ.شۇڭا تەييارلىق قىلىش سودا قىلىشتىنمۇ مۇھىم بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.