mulazim
مۇلازىمەتچىلەر
تېلېفون : 13899119232
تاشقى پېرىۋوت بازىرى توغرىسىدا
يوللانغان ۋاقتى: 2017-يىلى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى | كۆرۈلۈشى: 135 قېتىم

تاشقى پېرىۋوت بازىرى – بانكا پۇل مۇئامىلە ئورگانلىرى، چوڭ تىپتىكى دۆلەت ھالقىغان شىركەت ۋە شەخسى سودا شىركەتلىرى قاتارلىقلەر ؛ۋاستىچى ئاپپاراتلىرى ياكى ئېلىكتىرونلۇق خەۋەرلىشىش سېستىمىسى ئارقىلىق قاتنىشىدىغان ، باغلىنىدىغان تۈرلۈك پۇللارنى ئېلىپ-سېتىش ئويبېكتى قىلغان سودا بازىرنى كۆرسىتىدۇ.
بۇ سودىنى ئەمەلى تاشقى پېرىۋوت بازارلىرىدا قىلىشقىمۇ،ئېلىكتىرونلۇق خەۋەرلىشىش سېستىمىسى ئارقىلىق قىلىشقىمۇ بولىدۇ.
خەلقئارا راسچوت بانكىسىنىڭ ئەڭ يېڭى سىتاتسىتكىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، خەلقئارا تاشقى پېرىۋوت بازىرىنىڭ ھەر كۈنلۈك ئوتتۇرىچە سودا سوممىسى تەخمىنەن 150 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن. بۇنىڭدىن كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى،پېرىۋوت بازىرى يەر شارىدىكى ئەڭ چوڭ پۇل-مۇئامىلە بازىرى بولۇپ، ئۇنىڭ بانكا، مەبلەغ سېلىش فوندلىرى،شىركەتلەر ۋە باشقا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىغا ئوخشاش نۇرغۇن قاتناشقۇچىلىرى بار. شۇنىڭ ئۈچۈن مەيلى قانچىلىك كۆپ شەخسى مەبلەغ سالغۇچى بۇ بازارغا كىرسىمۇ، ئۇنىڭ باھاغا بولغان تەسىرى ئىنتايىن ئاز ھەتتا يوق دېيەرلىك بولىدۇ.
ئىگەللىشىمىزچە،نۆۋەتتە تاشقى پېرىۋوت،قىممەتلىك مېتاللار،ئېنىرگىيە ۋە پاي كۆرسەتكۈچى خەلقئارا بازاردىكى ئاساسلىق سودا قىلىنىدىغان مەھسۇلاتلار بولۇپ،بۇنىڭغا قاتناشقۇچىلار ناھايىتى كۆپ،سودا مىقدارىمۇ ناھايىتى زور بولغاچقا شەخىسلەر ياكى مەلۇم ئاپپارات-ئورگانلار بۇنداق زور مەھسۇلاتنىڭ بازىرىنى كونتىرول قىلىۋالالمايدۇ.
بىراق ھەر قانداق ئىشقا مەبلەغ سېلىشنىڭ بەلگىلىك خەۋپ-خەتىرى بولىدۇ، سودا قىلىپ پايدا ئېلىش ئۇنچىۋالا ئاسانمۇ ئەمەس، شۇڭا كۆپچىلىككە ئالدى بىلەن تەقلىدى ھېسابتا سودا قىلىپ، سودىغا بولغان تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش،ئاندىن رەسمى ھېساب ئېچىپ مۇۋاپىق مەبلەغ سېلىش تەكلىپىنى بېرىمىز.